باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جايلار تىز سۈرئەتلىك ئاممىۋىي ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى چىڭىتتى(1)

2013.06.13 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى كۈندىن بۇيان، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاممىۋىي ئاپتوبۇسلارنى تەكشۈرۈش كۆپىيىپ قالدى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھەرلىرىدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تېخىمۇ چىڭىدى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش جەھەتتە جايلار ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللانماقتا.

  ئىككى كۈندىن بۇيان، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاممىۋىي ئاپتوبۇسلارنى تەكشۈرۈش كۆپىيىپ قالدى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھەرلىرىدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تېخىمۇ چىڭىدى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش جەھەتتە جايلار ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللانماقتا.

  7-ئىيون كەچتە، فۇجئەن ئۆلكىسىنىڭ شامىن شەھىرىدىكى بىر تىز سۈرئەتلىك ئاممىۋىي ئاپتوبۇستا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 47 ئادەم قازا قىلدى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دەرھال دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلىقىنى بىكىتتى. ئاممىۋىي قاتناشتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى چىڭىتتى.

  شامىن قاتناش ترانسىپورت باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن خەۋپلىرىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بارلىق ئاممىۋىي ئاپتوموبىللاردا بىخەتەرلىك خادىمى دىجورنى تۇرۇش

  تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ھەر قايسى ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىخەتەرلىك جەھەتتە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزىم ئورنتىش كېرەك.

  بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان شامىندىكى تىز سۈرئەتلىك ئاپتوموبىللاردىكى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش كارتا سېرىش ئورنىغا يېڭى خادىم سەپلەندى، بىخەتەرلىك خادىمى يولۇچىلاردىن يۈك تاقلىرىنى ئېچىپ تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، بۇيۇملارنى تەكشۈردى. خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسىي ئىكەن.

  شۇغىنىسى بىر ئاز ئاۋارىچىلىق بولسىمۇ نۇرغۇن شەھەر ئاھاللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنىڭ زۆرۈرىيىتى بار، بىز بۇنى توغرا چۈشىنىمىز. تىز سۈرئەتلىك ئاممىۋىي ئاپتومۇبىلدىن باشقا شامىندىكى ئادەتتىكى ئاممىۋىي ئاپتۇبۇسىلاردىمۇ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. تۈنۈگۈن يولۇچىلار بىر قەدەر كۆپ 99-يول بېكىتىدە بىر يولۇچى ئىككى چوڭ سومكىنى كۆتۈرۈپ ئاپتوبۇسقا چىقىپ كەلگەندە شۇپۇر بۇ ئىككى سومكىنىڭ ئىچىدە نېمە بارلىقىنى سورىدى، بىخەتەرلىك ئۈچۈن شۇپۇر يەنە يولۇچىلارنىڭ سومكلىرىغا دېققەت قىلىشىنى ئۆتۈندى. بۇ يولۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە