باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېفېيدا شاخلىتىپ ساتقۇچىلار ساقچىلارغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان، مىڭلىغان ئادەم قاراپ تۇرغان، 13 جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان

2013.06.13 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن خېفېيدىن بەرگەن خەۋىرى، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھرىبىنخۇ يېڭى رايونىدا شاخلىتىپ ساتقۇچىلار قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان ھەمدە مىڭلىغان ئادەم توپلىنىپ بۇ ۋەقەگە قاراپ تۇرغانىدى. يېقىندا بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتا يېڭى ئىلگىرىلەش بارلىققا كەلدى. 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرى باۋخې رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە لو ۋېنفا، ۋاڭ يۈمېي قاتارلىق 13 جىنايەت گۇماندارىنى ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى.

  تەكشۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى يىللاردا خېفېي شەھرى بىنخۇ يېڭى رايونىدىكى لىنبىنيۈەن، چيۇڭلىنيۈەن، خۇيگۈييۈەن، چۈنرۇڭيۈەن قاتارلىق مەھەللىلەرگە قانۇنسىز شاخلىتىپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كۆپلەپ توپلىشىۋالغان. خېفېي شەھرى كۆپ قېتىم خادىم تەشكىللەپ بۇ مەھەللىلەردە مەركەزلىك ھالدا شاخلىتىپ سېتىش گۇرۇھلىرىغا زەربە بەرگەن ۋە ئۇلارنى تازىلىغانىدى. بۇ يىلنىڭ ئۆزىدىلا بۇ ھەقتە بىر نەچچە قېتىم خەۋەر بېرىلگەنىدى. 5-ئاينىڭ 4-كۈنى يۈز بەرگەن بۇ توقۇنۇش شاخلىتىپ ساتقۇچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشقا نارازى بولۇپ جامائەت سورۇنىدا ئېغىر قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغان ھەمدە نەچچە ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەرىجىدە مالىمانچىلىق چىقىرىش ھەمدە نەچچە ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ ئاممىۋى ۋەقە ھېسابلىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە