باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ، ئېغىر، نازۇك دېلولاردا جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يولغا قويۇشقا بولىدۇ

2013.06.13 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، يېقىنقى بىر مەزگىلدە مەملىكىتىمىزنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرى توختىماي يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى، نۇرغۇن مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بۈگۈن «ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشكە دائىر جىنايى ئىشلار دېلوسىنى سوتلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ) تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلدى.

  6-ئاينىڭ 3- ۋە 6-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تەرەققىياتقا ئادەم ھاياتىنى بەدەل قىلماسلىقنى تەكىتلەپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى باشتىن-ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى دەل جايىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە چوڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىشنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. 8-چېسلا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ يوليورۇق بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر چوڭ-چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك ھادىسىسى جىنايىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. (لى جىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە