باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە بىلەن ئىران سىرتقى كۈچلەرنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇردى

2013.06.13 08:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ئىراننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھۈسەيىن ئامىر ئابدۇللاھىيان تۈنۈگۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى بوگدانوف بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ بىردەك سىرتقى كۈچلەرنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بوگدانوف مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: 2012-يىلى ئىيۇندىكى سۈرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار جەنۋە يىغىنىنىڭ ئاخباراتى سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتىكى تەڭداشسىز ئاخبارات.

  ئابدۇللاھىيان مۇنداق دېدى: ئىران سۈرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنى قوللايدۇ، ھەر قانداق تەرەپ سۈرىيە خەلقىگە ۋاكالىتەن سۈرىيەنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە