باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر ئۇدا ئىككى يىل ئېنېرگىيە ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىنى سېلىشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

2013.06.08 15:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ساھەسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لۈ جىچيەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېمونتچىلىق ساھەسىدە ئېنېرگىيە ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىنى سېلىشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېمونتچىلىق ساھەسىدە ئېنېرگىيە ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىنى سېلىشتۇرۇش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، %50 سېمونت كارخانىلىرىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئالدىنقى ئىككى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن سېمونت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنىڭ يېرىمىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىيات چەكلىمىسى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە يەتمىدى. بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇدا 3 – يىلى ئېنېرگىيە ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىنى سېلىشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ساھەلەرنىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ».

  ئۇقۇشىمچە، ئېنېرگىيە ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىنى سېلىشتۇرۇش پائالىيىتى كارخانىلارنىڭ شۇ ساھەدىكى ئىلغار كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىگە يېتىشىنى نىشان قىلىپ، تۈرلۈك باشقۇرۇش ۋە تېخنىكا تەدبىرىنى قوللىنىپ، بۇ نىشانغا يېقىنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئېنېرگىيە تېجەش پائالىيىتى بولۇپ، بۇ پائالىيەت ھۆكۈمەتنىڭ ئېنېرگىيە خورىتىدىغان نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم تەدبىرى، شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىشىدىكى ئاساسلىق تەدبىرى ھېسابلىنىدىكەن.

  يىغىندا، 2012 – يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 74 سېمونت كارخانىسى قانات يايدۇرغان ئېنېرگىيە ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىنى سېلىشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. بۇ نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2011 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى %51 كارخانىنىڭ سېمونت ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن تۆۋەنلىگەن؛ پۈتۈن بىر يىلدا جەمئىي 290 مىڭ توننا كۆمۈر تېجەپ قېلىنغان، 2300 توننا گۈڭگۈرت (IV) ئوكسىدى، 800 مىڭ توننا كاربون (IV) ئوكسىدى ئاز قويۇپ بېرىلگەن؛ سېمونت بىرلىك مەھسۇلاتى ئېنېرگىيە سەرپىياتى بويىچە ئۆلچەمگە يەتكەن ئىشلەپچىقىرىش لېنىيەلىرى ئالدىنقى يىلىدىكى 37 دىن 48 گە كۆپىيىپ، ئېنېرگىيە ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىنى سېلىشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە