باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

غەربىي شىمال نېفىتلىكى قويۇق ماي قېزىشتىكى دۇنياۋى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى

2013.06.07 17:11         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو نېفىتى غەربىي شىمال نېفىتلىكى تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا غەربىي شىمال نېفىتلىكى تارماق شىركىتى ئۆزى مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىپ ، مەملىكىتىمىزدە تۇنجى بولۇپ قويۇق ماي ، گازنىڭ نېفىتنى ئېتىپ چىقىرىش ئۇسۇلىنى باشلامچى بولۇپ تەجرىبە قىلىش خىزمىتىنى پەۋقۇلئاددە چوڭقۇر، ئالاھىدە قويۇق ماي قۇدۇقىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرغان .

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، قويۇق ماي مەھسۇلات مىقدارى غەربىي شىمال نېفىتلىكىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 40 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن . تارىم دەرياسى نېفىتلىكىدىكى قويۇق ماي 5000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بولۇپ ، قېزىش دەرىجىسىنىڭ قىيىنلىقى دۇنيادا كەمدىن-كەم كۆرۈلىدۇ . 2001-يىلى غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتى سۇيۇق مايلارنى ئارىلاشتۇرۇپ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىش ۋە خىمىيەلىك دورىلار بىلەن يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلدا قويۇق ماينى قېزىش تېخنىكىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ، بۇ سۇيۇق ماينى خورىتىپلا قالماستىن ، بەلكى قېزىش، يىغىۋېلىش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ . قانداق قىلغاندا بۇ ئىككى چوڭ ‹‹ھالەت››تىن بۆسۈپ ئۆتۈش ـــ ماي قېزىش تېخنىكىسىنىڭ تولىمۇ قىيىن تېمىسىغا ئايلانغان .

  نۆۋەتتە ، غەربىي شىمال نېفىتلىكىدە 50 كە يېقىن پەۋقۇلئاددە چوڭقۇر، ئالاھىدە قويۇق ماي قۇدۇقى بار بولۇپ ، ئاساسلىقى 12 رايونغا تارقالغان . قۇدۇقلارنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 6000 مېتىر ، ئوتتۇرىچە خام ماينىڭ زىچلىقى 1.07 گە يەتكەن، يېپىشقاقلىق دەرىجىسى قۇمسىمان قاتتىق جىسىم ھالىتىدە بولغاچقا ، ئۇنى قېزىش خىزمىتى دۇنياۋى قىيىن مەسىلە بولۇپ كەلگەن .

  غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتى ماي ، گاز قېزىش ئورنىدىكى ياڭ يىڭدا مۇنداق دېدى : بۇ تېخنىكا پەۋقۇلئاددە چوڭقۇر، ئالاھىدە قويۇق ماي قۇدۇقلىرىنى قېزىشنى ئاسانلاشتۇردى ، بىز نېفىتلىكتە قوللىنىش ئارقىلىق ، پەۋقۇلئاددە ماي قۇدۇقلىرىنىڭ مەھسۇلار مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىمىز ھەمدە زور مىقداردىكى قويۇق ماي قېزىشتىن كېلىپ چىققان سۇيۇق ماي بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدەك زىددىيەتنى ھەل قىلىمىز .

  بۇ يىل 4-ئايدا ، غەربىي شىمال نېفىت شىركىتىنىڭ تېخنىكلىرى قېزىش قىيىن بولغان پەۋقۇلئاددە چوڭقۇر ، ئالاھىدە قويۇق ماي قۇدۇقلىرىنىڭ ئىچىگە سۇيۇق ماي بىلەن يۇقىرى بېسىملىق گازنى بىرىكتۈرۈپ كىرگۈزۈش ئىجادىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان ، شۇنىڭدىن بۇيان ، ئىشلەپچىقىرىشتىكى بېسىم پەرقىنى زورايتىش ، ماي قۇدۇقلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، قۇدۇقنىڭ تېمپېراتورسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، قۇدۇقتىكى خام ماينىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىش ، سۇيۇقلۇق نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلاردا ياخشى يۈزلىنىش بارلىققا كېلىپ ، ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان پەۋقۇلئاددە چوڭقۇر، ئالاھىدە قويۇق ماي قۇدۇقلىرىدا قېزىشتا ھەل بولماي كېلىۋاتقان قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان مەسىلە ھەل بولغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە