باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يېڭى تەدبىرلەر ئارقىلىق مەدەنىيەت ئىسلاھات تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش كېرەك

2013.06.09 13:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى ليۇ يۈنشەن بېيجىڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھاتتا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇشى، ھاياتى كۈچ بولۇشى كېرەك، ئىسلاھات داۋاملاشسا داۋاملىشىدۇكى، توختاپ قالمايدۇ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەدبىرلەر ئارقىلىق مەدەنىيەت ئىسلاھات تەرەققىياتىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەدەنىيەت جەھەتتە غايەت زور كۈچ قوشۇش لازىم.

  ليۇ يۇنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى مەدەنىيەتتىن مەدەنىيەتكە قاراش، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىملىقى، جىددىيلىكى، ئۇزاق مۇددەتلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تولۇق تونۇشتا، مەدەنىيەت، ئىسلاھات تەرەققىياتىدىكى يېڭى نىشانلارنى بېكىتىپ، فۇنكسىيەدە بۇرۇلۇش ياساشقا كۈچ چىقىرىش ئاساسىدا مەدەنىيەتنى ماكرولۇق باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، كارخانا ئىسلاھاتى ۋە تۈزۈمىدە بۇرۇلۇش ياساش ئاساسىدا مەدەنىيەت بازىرى ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، تەرتىپنى قېلىپلاشتۇرۇش ئاساسىدا زامانىۋى مەدەنىيەت بازىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىش، شەھەر يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئاساسىدا ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش، تۈرلۈك بايلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئاساسىدا مەدەنىيەتنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش كېرەك، خىزمەتنى كۈچەيتىپ ، تۈزۈلمە مېخانىزىمىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەزمۇنىنى بېيىتىش، تارقىتىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، سىياسەت قانۇن نىزام كاپالىتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن يېڭى تەدبىر قوللىنىپ، مەدەنىيەت، ئىسلاھات تەرەققىياتتا يېڭى ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش ۋە يۇقىرى دەرىجىدە لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت، بازار ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ئېدولوگىيە خاسلىقى بىلەن مەدەنىيەت كەسپى خاسلىقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاپ، مەدەنىيەت، ئىسلاھات، تەرەققىياتتىكى ئىجابىي كۈچلەرنى بەرپا قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل