باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئەمەلىي ئۇچۇش باسقۇچىغا كىردى

2013.06.13 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ساماۋى ئوردا 1-نومۇرلۇق ئۇچقۇ بىلەن خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى ئۇچۇرۇش ۋەزىپىسى باش قوماندانلىق ئىشتابى 10-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ پىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ۋەزىپە باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى 11-ئىيۇن سائەت 17 دىن 38 مىنۇت ئۆتكەندە قويۇپ بېرىش، ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئەر ئالەم ئۇچقۇچىلىرى نيې خەيشېڭ، جاڭ شياۋگۇاڭ، ئايال ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋاڭ ياپىڭنىڭ ئىجرا قىلىشى بېكىتىلدى.

  ۋۇ پىڭ مۇنداق دېدى: بۇرۇنقى ئۇچۇش ۋەزىپىسىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىمقى خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ ماھىيىتى قوللىنىشچان ئۇچۇش بولىدۇ. خاسىيەتلىك كېمە 8-، 9-نومۇرنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرنىڭ ۋەزىپىسىدە ئاساسلىق مۇنداق ئۈچ نۇقتا گەۋدىلەندى: 1-جىپسىلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى دەلىللەش ۋە پۇختىلاش. ھازىرغىچە، ئېلىمىز ئۈچ قېتىم ئاپتوماتىك جىپسىلاشتۇرۇش ۋە بىر قېتىم قولدا تىزگىنلەپ جىپسىلاشتۇرۇشنى ئورۇنلىدى، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇش سىنىقى ئارقىلىق تېخنىكىنى دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ.

  2-ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئوربىتىدا تۇرۇشىغا ئالاقىدار تېخنىكىلار يەنىمۇ دەلىللەندى. بۇ قېتىم خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇر ئوربىتىدا 15 كۈن ئۇچۇپ، ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى مەۋجۇتلۇق ئىقتىدارى ھەم بىرىكمىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى يەنىمۇ دەلىللىنىپ ۋە تەكشۈرۈلۈپ، ياخشىلاش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى دەلىللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئالەم قاتنىشى مېدىتسىناسى ۋە ئۈنۈمشۇناسلىق سىنىقى قىلىنىپ، ئالەم بوشلۇقىدا تېخىمۇ ئۇزاق ئۇچۇشنىڭ تەجرىبىسى توپلىنىدۇ.

  3-بوشلۇق پونكىتى قۇرۇشنىڭ ئالاقىدار تېخنىكا سىنىقى قىلىنىدۇ. خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇر ئۇچۇش ۋەزىپىسى مەزگىلىدە، ساماۋى ئوردا 1-نومۇر بىلەن يەر ئالماشتۇرۇش، ھىملاش چەمبىرىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئوربىتىدا رېمونت قىلىش مەشغۇلاتى قىلىدۇ، يەنە ئالەم كېمىسى ئايلىنىپ ئۇچۇش سىنىقى قىلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بوشلۇق پونكىتى قۇرۇشقا تېخنىكا ئاساسى سېلىپ بېرىدۇ. خاسىيەتلىك كېمە بىلەن ئۇزۇن سەپەر 2-نومۇر F توشۇغۇچى راكېتاسىدىن تەشكىللەنگەن ئاسمان بىلەن يەر ئارىسىدا بېرىپ كېلىش سىستېمىسى ساماۋى ئوردا 1-نومۇرنىڭ ئوربىتىدا ئۇچۇشىغا ئادەم ۋە ئەشيا جەھەتتىكى بېرىپ كېلىش مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

  ۋۇ پىڭ يەنىمۇ تونۇشتۇرۇپ، قوللىنىشچان ئۇچۇشنىڭ تېخنىكا دەلىللەشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان ئۇچۇشقا نىسبەتەن ئوخشىمايدىغان مۇنداق ئىككى يېرى بار دېدى: 1-ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ مەقسىتى ئوخشىمايدۇ. ھازىرغىچە، ئېلىمىز قىلغان بىر نەچچە قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئاساسلىقى تېخنىكا تەكشۈرۈش ۋە دەلىللەشنى مەقسەت قىلغان، بۇ قېتىمقى ئۇچۇشتا، ئاسمان بىلەن يەر ئارىسىدا بېرىپ كېلىش سىستېمىسى ئاساسلىقى ساماۋى ئوردا 1-نومۇرنىڭ ئوربىتىدىكى ھەرىكىتىگە ئادەم ۋە ئەشيا جەھەتتىكى بېرىپ كېلىش مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

  2-ئۇچۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھالىتى ئوخشىمايدۇ. ئالەم كېمىسى بىلەن راكېتا خاسىيەتلىك كېمە 8-نومۇر، 9-نومۇرنى ئۇچۇرۇش ۋەزىپىسىدىكى تەكشۈرۈش ۋە سىناق ئارقىلىق، ھازىر ئىقتىدار جەھەتتە تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، ئىقتىدارى تېخىمۇ تۇراقلاشتى، ئىشەنچلىك دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆستى، تېخنىكا ھالىتى ئاساسەن مۇقىملاشتى، خاسىيەتلىك كېمە بىلەن ئۇزۇن سەپەر 2-نومۇر F توشۇغۇچى راكېتادىن تەشكىللەنگەن ئاسمان بىلەن يەر ئارىسىدا بېرىپ كېلىش سىستېمىسى خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرنىڭ ۋەزىپىسىدىن تارتىپ قوللىنىشچان ئۇچۇش باسقۇچىغا كىرىدۇ.

  ۋۇ پىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئالەم بوشلۇقى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە پائالىيىتى-ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشىدىن پايدىلىنىپ، ئاۋىياتسىيە ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشىدىكى بىر سىناق. دەرس مەزمۇنى ئاساسلىقى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلىپ، ئۇلارغا ئېغىرلىقىنى يوقاتقان ئەھۋالدىكى جىسىمنىڭ ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى، سۇيۇق جىسىم سىرتقى يۈزىنىڭ كېرىلىش كۈچىنىڭ رولى چۈشەندۈرۈلۈپ، سۈپەت، ئېغىرلىق ۋە نىيۇتون قانۇنى قاتارلىق ئاساسىي فىزىكا چۈشەنچىسىگە بولغان بىلىمى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئوربىتىدا لېكسىيە ۋە سىناق ماھارىتى كۆرسىتىدۇ ھەم يەر يۈزىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. ھازىر دەرس ماتېرىيالى، ئوقۇتۇش قوراللىرى ۋە يەر يۈزى دەرسخانىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى پۈتتى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىمۇ ئالاقىدار مەشىقلەرنى قىلىپ بولدى. ۋاقتى كەلگەندە، تاراتقۇلار بۇ پائالىيەتنىڭ پۈتۈن جەريانىنى بىۋاسىتە تارقىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە