باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۇ چىڭلىن شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى

2013.06.08 15:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى جۇ يىفەن خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇ چىڭلىن 4 – ئىيۇندىن 7 – ئىيۇنغىچە شىنجاڭدا ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتى ۋە دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، تەتقىق قىلدى ۋە سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومتىېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئۈرۈمچىدىكى تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى.

  دۇ چىڭلىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، قەشقەر، خوتەن، ئۈرۈمچىدە، يېزىلارغا، مەھەللىلەرگە، تۈەن – مەيدان، ليەندۈيلەرگە، كارخانىلارغا ۋە مەكتەپلەرگە بېرىپ تەكشۈردى.

  شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشى ئەھۋالى بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولدى. لوپ ناھىيەسى چارباغ يېزىسىنىڭ ئارامەھەللە كەنتىدە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ دەرۋازىسىغا ئېسىلغان ‹‹يۇلتۇز دەرىجىلىك كەنت گۇرۇپپىسى›› دېگەن تاختا دۇ چىڭلىننىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى: بۇ، لوپ ناھىيەسىدە قانات يايدۇرۇلغان كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئارا ‹‹يۇلتۇز دەرىجىلىك كەنت›› بەرپا قىلىش پائالىيىتى، جەمئىي ئون يۇلتۇز بار، جۈملىدىن، ‹‹ساپا دەرىجە يۇلتۇزى››، ‹‹دېموكراتىك باشقۇرۇش دەرىجە يۇلتۇزى››، ‹‹باياشات تۇرمۇش دەرىجە يۇلتۇزى›› قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەر بىر كەنت ‹‹ئون يۇلتۇز دەرىجىلىك كەنت›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ھازىر، كەنتىمىز يەتتە يۇلتۇز دەرىجىلىك كەنت بولۇپ باھالاندى، بۇ يىل كەنت بويىچە ھەممەيلەن تىرىشىپ، قالغان ئۈچ يۇلتۇزنىمۇ قولغا كەلتۈرۈپ، ئىسمى – جىسمىغا لايىق ‹‹ئون يۇلتۇز دەرىجىلىك كەنت›› بولماقچى، دېدى.

  دۇ چىڭلىن بۇ خىل خىزمەت ئەندىزىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئارا ‹‹يۇلتۇز دەرىجىلىك كەنت›› بەرپا قىلىش پائالىيىتى ئارقىلىق، مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىنى ئاساسىي قاتلام ۋە كونكرېت ئىش – ھەرىكەتلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئۆلچەملەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن كۆپچىلىك خىزمەتتە تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، تېخىمۇ ئىپتخارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولالايدۇ.

  دۇ چىڭلىن يەكەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسىدا ئابلىز ئابدۇۋاھىتنىڭ 160 كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆيىگە كىردى. ئابلىز ئابدۇۋاھىت: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە بىز مۇشۇنداق ياخشى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرەلىدۇق، كۆپچىلىكنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتكە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز تەشەككۈرى بار، – دېدى. ياچېيكا شۇجىسى: ھازىر، كەنتتىكى ھەممە ئائىلە بادام تىكتى، بۇنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى بەك ياخشى بولدى، ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 50 – 60 مىڭ يۈەنگە يەتتى، – دېدى. دۇ چىڭلىن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ياخشى باشلامچىلاردىن بولۇپ، كەنتتىكىلەرنى بېيىشقا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  دۇ چىڭلىن ئۈرۈمچىدە ‹‹تەڭرىتاغ›› رايونىدىكى بەيگە مەيدانى شەرقىي مەھەللىسىنى تەكشۈردى. شەھەر بىلەن يېزىنىڭ تۇتاشقان قىسمىغا جايلاشقان بۇ مەھەللىدە 5300 دىن كۆپرەك ئاھالە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، كۆچمە ئاھالە %88 نى ئىگىلەيدۇ، ئىجارە ئۆيلەر ۋە كۆچمە ئاھالە كۆپ بولۇش مەسىلىسى باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىققا ئايلانغانىدى. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى ‹‹ئورۇن بىرلىكى بويىچە باشقۇرۇش، تورلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت، رەقەملەشتۈرۈپ تېرەك بولۇش›› خىزمىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، مەھەللىنىڭ مۇھىتى ۋە قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى، ئىلگىرىكى مۇھىتى ناچار، مۇرەككەپ، باشقۇرۇشى قالايمىقان، بۇ مەھەللە مۇھىتى پاكىز، باشقۇرۇشى تەرتىپلىك، ئىناق مەدەنىي مەھەللىگە ئايلاندى.

  دۇ چىڭلىن يەنە شىنجاڭ ئىسلام دىنى مەكتىپى، قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتى ۋە لوپ ناھىيەسى چارباغ يېزىسىنىڭ ئارا مەھەللە كەنتى مەسچىتىگە كېلىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىرلىشىپ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  دۇ چىڭلىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قەشقەر شەھىرىنىڭ ھېيتگاھ مەھەللىسى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى بارىن يېزىسىنىڭ يۇقارقى قېچېچى كەنتىگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى؛ بىڭتۈەن 14 – شىسى گۇما دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ سورتلۇق چىلانلىقى، قەشقەر ئوتتۇرا غەربىي ئاسىيا خەلقئارا سودا بازىرى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، خوتەن ‹‹قۇياش نۇرى›› قۇملۇق ئەتىرگۈلى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق تۈەن – مەيدان ۋە كارخانىلاردا كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈردى. دۇ چىڭلىن 4 – ئىيۇن كەچتىن 6 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنغىچە، قەشقەر شەھىرى ۋە لوپ ناھىيەسىدىكى كادىرلار بىلەن ئايرىم – ئايرىم سۆھبەتلەشتى.

  ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشى ۋە دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنى 6 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دۇ چىڭلىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ خىزمىتى ئالاھىدە ھەم ئىنتايىن مۇھىم، مەركەز ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەۋزەللىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل ۋە گۈللەنمە كەسىپلەرنى زورايتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۆز – ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇش – ئاچقۇچتۇر. ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى چۈشىنىشلىك، قىزىقىدىغان، ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىغا، ئەمەلىيەتكە يېقىنلاشقان مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ تەشكىللەش كېرەك. ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىسىغا ھەقىقىي مۇھەببىتىنى بېغىشلاپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ بېيىشىغا كۆپرەك يول كۆرسىتىپ، ئاممىنى ئىجتىمائىي، ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن كۆپرەك تەمىنلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھەقىقىي سىردىشى بولۇش كېرەك. قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىن ئىشلىرىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، دىنىي ساھەدىكىلەر ۋە دىنقا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ماسلىشىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلام قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ يادرولۇق رولى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، پېشقەدەم كادىر، پېشقەدەم نەمۇنىچى، كونا ئەسكەرلەرنىڭ تەسىر كۈچى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ‹‹ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش›› ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا ھەسسىلەپ ئەھمىيەت بېرىپ، قىزغىنلىق بىلەن غەمخورلۇق قىلىپ، كۆيۈنۈش ۋە ئۇلارنى قەدىرلەش، شۇنداقلا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، خادىملىرىغا ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يوڭ، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۇەنگو، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار يۇقىرىدىكى پائالىيەتلەرگە ئايرىم – ئايرىم قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە