باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاممىۋى ئەربابلار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۈچ خىل خىراجەتنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلدى(1)

2013.06.07 09:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار ئومۇمنىڭ ئۈچ خىراجىتىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى، ئەمما ئاممىۋى پاراۋانلىق ئەربابى لېي چۇاڭ چىڭخۇا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئومۇمنىڭ ئۈچ خىراجىتىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئاشكارىلىمىغانلىقىنى بايقىدى.

  لېي چۇاڭ بۇ يىل 1-ئايدا «ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامى» ۋە «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇچۇر ئاشكارىلاش چارىسى»گە ئاساسەن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 113 ئالىي مەكتەپكە ئۇچۇر ئاشكارىلاش ئىلتىماس خېتى يېرىپ، 2012-يىللىق ئومۇمنىڭ ئۈچ خىراجىتى يەنى ئومۇمنىڭ كۈتۈۋېلىش خىراجىتى، ئومۇم ئىشلىرىغا ماشىنا سېتىۋېلىش ۋە يول يۈرۈش خىراجىتى، ئومۇمنىڭ ئىشى بىلەن چەتئەلگە چىقىش خىراجىتىنىڭ تۈرلۈك چىقىم ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشنى ئىلتىماس قىلدى.

  ئارقىدىن، لېي چۇاڭ 40 ئالىي مەكتەپنىڭ جاۋابىنى تاپشۇرۇۋالدى، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 28 ئالىي مەكتەپ 2012-يىللىق نەقچوت باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلايمىز دېدى. نۆۋەتتە، لېي چۇاڭ چېڭدۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2012-يىللىق ئومۇمنىڭ ئۈچ خىراجىتىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى بايقىدى. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق يەتتە ئالىي مەكتەپنىڭ ئاشكارىلاش-ئاشكارىلىماسلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن؛ غەربىي جەنۇب قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ۋاقتىنچە ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ پايتەخت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق تۆت ئالىي مەكتەپ ئاشكارىلاشنى ئېنىق رەت قىلغان.

  جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتىپىمىز باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2012-يىللىق مالىيە نەقچوتىنى تۈزمەكتە، بۇ نەقچوت ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ رەسمىي تەستىقلىشىغا سۇنۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇ چاغدا مەكتەپ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جەمئىيەتكە مالىيە نەقچوت ئۇچۇرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلايدۇ ھەم دۆلەتنىڭ ئۇچۇر ئاشكارىلاشقا ئالاقىدار سىياسەت، بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئىلتىماس بويىچە ئالاقىدار مالىيە ئۇچۇرىنى ئاشكارىلايدۇ دەپ جاۋاب بەردى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە