باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر دا گاسلارغا ياردەم بېرىش ئامبۇلاتورىيەسى ئېچىلدى

2013.06.07 15:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا كۆپ يىل بولغان جاڭ سىمىن گاس – گاچا بولۇپ، نەچچە يىلدىن بۇيان كېسەل كۆرسىتىش ئۇنىڭ ئۈچۈن باش ئاغرىقى بولۇپ قالغان، جۈملىدىن ھەر قېتىم كېسەل كۆرسەتكەندە، ئۇ يېتەكچى دوختۇر بىلەن كۆزنەكتىكىلەرگە بارماق تىلىنى بىلدۈرەلمەي، نومۇر ئېلىش، ھەر خىل تەكشۈرتۈش، كېسەل كۆرسىتىش ھالقىلىرىدا ئۇياقتىن – بۇياققا چېپىپ، ھېرىپ ھالىدىن كەتكىلى ئازلا قالاتتى. بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانا ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى گاسلارغا ياردەم بېرىش ئامبۇلاتورىيەسى ئېچىپ، گاس – گاچىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بولدى.

  جاڭ سىمىن يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، 15 – ماي شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانىغا بېرىپ، گاسلارغا ياردەم بېرىش ئامبۇلاتورىيەسىدە كۆرسەتكۈچ تاختا ۋە بارماق تىلىنى بىلىدىغان پىدائىيلارنى كۆردى ھەم ئۇلارنىڭ ياردىمىدە ئىلگىرى يېرىم كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىدىغان جەريانلارنى بىر سائەتتىلا تاماملاپ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە