- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سودا مىنىستىرلىقى ياۋروپا ئۈزۈم ھارىقىنى ‹‹قارشى تۆكمە، قارشى تولۇقلىما››بويىچە تەكشۈرۈش تەرتىپىنى يولغا قويدى
2013.06.07 17:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. سودا مىنسىتىرلىقى 5 – ئىيۇن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قارشى تۆكمە نىزامى›› ۋە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قارشى تولۇقلىما نىزامى›› دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ياۋروپا ئۈزۈم ھارىقىنى ‹‹قارشى تۆكمە ۋە قارشى تولۇقلىما›› بويىچە تەكشۈرۈش تەرتىپىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سودا مىنىستىرلىقى دۆلەت ئىچىدىكى ئۈزۈم ھارىقى كارخانىلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئۈزۈم ھارىقىنى تۆكمە قىلىپ سېتىش، تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق ئادىل بولمىغان سودا ئۇسۇلى بىلەن دۆلىتىمىز بازىرىغا كىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش كەسپىگە تەسىر كۆرسەتتى، دەپ ئەيىبلىگەن ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئىلتىماستا سودا مىنىستىرلىقىدىن قارشى تۆكمە، قارشى تولۇقلىما بويىچە تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.
سودا مىنىستىرلىقى ئادىل سودا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: جۇڭگو سودا قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى قوللىنىشقا ئىزچىل ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى. سودا مىنىستىرلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئېمپورت قىلىنغان ئۈزۈم ھارىقى مىقدارىنىڭ تېز ئاشقانلىقىغا دىققەت قىلدى، بۇ قېتىم ئۈزۈم ھاراقچىلىق كارخانىلىرى سۇنغان ئىلتىماسقا ئاساسەن، مىنىستىرلىقىمىز قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە