- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كورېيە زۇڭتۇڭى پاك گۈنھى جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ
2013.06.08 14:53 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي 7-چىسىلادىكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كورېيە زۇڭتۇڭى پاك گۈنھى 27-ئىيۇندىن 30-ئىيۇنغىچە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتدە بولۇپ، جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ ۋە كۆرۈشىدۇ. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەمدە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. (ۋاڭ دى خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە