باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

2013-يىللىق چېڭدۇ «بايلىق» يەرشارى مۇنبىرى باشلاندى

2013.06.07 11:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ تەبرىكنامە ئەۋەتتى
  جاڭ گاۋلى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى
  2013-يىللىق چېڭدۇ «بايلىق» يەرشارى مۇنبىرى 6-ئىيۇن باشلاندى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىكنامە ئەۋەتتى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  مۇنبەرنىڭ باشلىنىش زىياپىتىگە دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ باشلىقلىرى، چەت ئەللەرنىڭ سابىق سىياسىي ئەربابلىرى، مۇتەخەسسىس-ئالىملار، تاراتقۇلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى. 3 كۈن داۋامىدا، يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار «جۇڭگونىڭ يېڭى كېلەچىكى» دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، جۇڭگونىڭ غەربىي رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنىڭدەك جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ نەزىرىدىكى يېڭى ئوبرازى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، بايلىق ھەل قىلىش لايىھەسى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يەرشارى پۇل مۇئامىلىسى ۋە ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى قاتارلىق مەركىزىي تېمىلار ئۈستىدە ئورتاق مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل