باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

خىزمەت گۇرۇپپىسى شيامېندىكى كوچا ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە باردى

2013.06.08 10:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ئىيۇن كەچ سائەت 18 دىن 20 مىنۇت ئەتراپىدا، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خۇلى رايونى جىنشەن كوچىسىدا بىر تېز سۈرئەتلىك كوچا ئاپتوبۇسى كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئوت كەتتى. سائەت 18 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، ئوت ئۆچۈرۈلدى. دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئوت ئاپىتىدە 42 ئادەم قازا قىلغان، 33 ئادەم يارىلانغان.

  ۋەقەدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش سېكرېتار شى جىنپىڭ، باش مىنىستىر لى كېچياڭ ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى مېڭ جيەنجۇ مۇھىم يوليورۇق بەردى. دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى گو شېڭكۈن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن كېچىلەپ شيامېنغا يېتىپ باردى. ھازىر ئوتنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل