- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شى جىنپىڭ: ھاياتلىقنى تەرەققىياتقا بەدەل قىلىشقا بولمايدۇ
2013.06.08 14:42 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغان چوڭ كۆلەملىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىپ، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچراشتەك ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقتى. چەت ئەلدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، 6-ئىيۇن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە