باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەدىكى مالىمانچىلىقنىڭ ئارقى كۆرۈنىشى(1)

2013.06.07 09:49        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەمئىيەت تەرققىياتىنىڭ بەك «نازۇك»لىقى
  تۈركىيەنىڭ تېنچ خاتىرجەم،ئەركىن دۆلەتلىكى بىلەن بىلەن داڭلىق ئىدى، خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئېناقلىقىدا خەلقئاراغا ئۈلگە بولغۇدەك تەسۋىرلىنەتتى. لېكىن يېقىندا بۇ دۆلەتنىڭ ئاشۇ ئېناقلقىدىن مەسىلە چىقتى. قېنى بىز بۇ مالىمانچىلىقنىڭ ئارقا كۆرىنىشىچە قارا باقايلى.

  تۈركىيەدىكى مالىمانچىلىق داۋاملىق زورايماقتا. بۇ دۆلەتنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 4-ئىيۇن ئىش تاشلاشنى مۇراجەت قىلدى. بۇ ئاساسلىقى ئوتتۇرا بۇرژىئازىيە بىلەن ياشلاردىن تەشكىللەنگەن قارشىلىق لاگىرنىڭ تۈزۈلىشىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. 4-ئىيۇن سەھەرگىچە، 3ئادمنىڭ قىلغانلىقى مەلۇم بولدى، غەرىب ھۆكۈمەتلىرى ئەردوئاننىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسى مەزگىلىدە، تۈركىيە «قاتتىق ۋاسىتلەرنى جىق ئىشلىتىۋەتتى» دەپ ئەيىپلىدى. تۈركىيەنىڭ ھازىرقى سىياسىي يوللىرى نۆۋەتتىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشتا كارغا كەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ.

  ئەسلى بىر باغچىنى چېقىش قۇرۇلۇشىدىن باشلىنىپ سىياسىيلىشىپ كەتكەن بۇ مالىمانچىلىق، تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ ئەردوئان ھۆكۈمىتى بىلەن قىلغان «ئومۇمىي ھېساپ كىتاب»ىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئەڭ جىق توۋلىغان شۇئارى «ئەردوئان تەخىتتىن چۈشسۇن» بولدى. لېكىن ئەردوئان ھۆكۈمىتى خەلق سايلىمى بىلەن بارلىققا كەلگەن، قائىدە بۇيىچە ئۇنىڭ تەقدىرىنى ئاساسىي قانۇندىكى بەلگۈلىمىلەر بەلگلەيدۇ، كوچىلاردىكى بۇ نامايىشلار پەقەت ئاۋام خاھىشىنىڭ قوشۇمچە رولى. ئەمما تۈركىيە نامايىشچىلىرىنىڭ مەقسىدى ھەرگىزمۇ شۇئار تولاپ قۇيۇشلا ئەمەس.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە