باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانا تۇنجى قېتىم ئاكادېمىك تەكلىپ قىلدى

2013.06.07 15:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانا جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ياڭ شېڭلى ۋە ئاكادېمىك ۋاڭ خۇڭياڭ بىلەن ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، بۇ ئىككى ئاكادېمىكنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانىنىڭ سەركىلىرى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلدى، بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 3A دەرىجىلىك، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاكادېمىك تەكلىپ قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاكادېمىك ۋاڭ خۇڭياڭ يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ۋە كىلىنىكىلىق تەتقىقات بىلەن ئۇزاق مەزگىل شۇغۇللىنىپ، ئۆسمە سىگنالىنى تور ئارقىلىق تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش، جىگەر راكى مولېكۇلاسى تۇتېمىنى باھالاش ۋە قوللىنىشقا زور تۆھپە قوشقان ئىكەن، ئاكادېمىك ياڭ شېڭلى گېن قۇرۇلۇشى ۋە ماددا ئالماشتۇرۇش تەتقىقاتى بىلەن ئۇزاق مەزگىل شۇغۇللانغان. تەكلىپ قىلىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئىككى ئاكادېمىك تەكلىپ بىلەن كىرىش ۋە چىقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق دوختۇرخانىدىكى بارلىق تۈرلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسىگە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىپ ۋە تۈرلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دورا ماتېرىياللىرى ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئىختىساسلىقلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇڭ يېلىن: ‹‹مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىي ئىختىساسلىقلار شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى زور پۇرسەتنى تونۇپ يېتىپ، شىنجاڭغا بەس – بەستە كېلىپ يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئىگىلىك تىكلەپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش ۋە نۇقتىلىق پەن، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رول ئوينىماقتا››، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە