- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سۇغۇرتا قانۇنىدا سېتىشقا خاتا يېتەكلەش، تۆلەم تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى
2013.06.08 10:22 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئېلىمىزدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سۇغۇرتا ماجىرا دېلولىرى داۋاملىق كۆپەيگەن، بۇلتۇرنىڭ ئۆزىدىلا، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى سۇغۇرتا توختام ماجىراسى دېلوسىدىن 76 مىڭدىن كۆپرەكنى 1-سوتتا قاراپ چىقىشقا يېڭىدىن قوبۇل قىلغان، بۇ-2008-يىلى قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىنغان دېلولارنىڭ 2.7 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. سېتىشقا خاتا يېتەكلەش، تۆلەم بېرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 7-ئىيۇن سۇغۇرتا قانۇنى ئەدلىيە ئىزاھاتىنىڭ ئىككىنچىسىنى ئېلان قىلدى، بۇ-جەمئىي 21 ماددا بولۇپ، 8-ئىيۇندىن تارتىپ رەسمىي يولغا قويۇلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە