باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون 2012 – يىللىق مۇھىت ئەھۋالى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى(1)

2013.06.07 09:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 5 – ئىيۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2012 – يىللىق «مۇھىت ئەھۋالى يېشىل تاشلىق كىتاب» نى ئېلان قىلدى. سانلىق ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2012 – يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى مۇقىملىقنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا بىرقىسىم جايلاردا مۇھىت بۇلغىنىش بولغان.

  بوستانلىق قىرغىقىدىكى ئاجىز ئېكلوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تەخىرسىزلىك تۇيغۇمىزنى كۈچەيتكۈسى

  بۇلتۇر ئاپتونوم رايوننىڭ بوستانلىق ئېكولوگىيەسى مۇھىتىدا ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن بوستانلىقتىن قۇملۇققا تۇتاشقان ئۆتكۈنچە بەلباغ ھەمدە يېزا – ئىگىلىك بىلەن چارۋىچىلىق گىرەلەشكەن رايونلاردىكى بىرقىسىم جايلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىدە يەنىلا ناچارلىشىش بولغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، مۇئاۋىن نازىر ۋاڭ ليەنشې شۇ كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بوستانلىق قىرغىقىدىكى ئاجىز ئېكلوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تەخىرسىزلىك تۇيغۇمىزنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  ئىگىلىشىمچە، ئەسلىدىنلا ئاجىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئادەملەرنىڭ بۇغۇنچىلىق قىلىش بىلەن شىنجاڭنىڭ قۇملۇق ھاۋارايى كۈنى سانى كۆپىيىپ كەتمەكتە بولۇپ، 2011 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا بۇلتۇر ئاپتونوم رايون بويىچە قۇمبورانلىق ھاۋارايى سانى 7 كۈن كۆپەيگەن، دائىرىلىك قۇمبوران كۈنى سانى 58 كۈن كۆپەيگەن، قۇمبورانلىق ھاۋارايى كۈن سانى روشەن ھالدا كۆپىيىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا زور تەسىر ئېلىپ كەلگەن.

  ئالتاي شەھىرىنىڭ ھاۋاسى ئەڭ ساپ، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا سۈپىتى يىللارغا قارىغاندا كۆپ ياخشى بولدى

  2012 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر ئومۇمىي ھاۋا سۈپىتىدە ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا زور ئۆزگىرىش بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئالتاي شەھىرىنىڭ ھاۋاسى ئەڭ ساپ، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا سۈپىتى يىللارغا قارىغاندا كۆپ ياخشى بولغان. ئاپتونوم رايون بويىچە ھاۋا سۈپىتى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلگەن 19 شەھەرئىچىدە ئالتاي شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى دۆلەتنىڭ 1 – دەرىجىلىك ئۆلچىمىگە يەتكەن؛ قاراماي، غۇلجا، چۆچەك، بورتالا، سانجى، كۇيتۇن، شىخۇ، فۇكاڭ، شىخەنزە ۋە ئوتۇنكوزا شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى دۆلەتنىڭ 2 – دەرىجىلىك ئۆلچىمىگە يەتكەن؛ ئۈرۈمچى، قۇمۇل، كورلىنىڭ ھاۋا سۈپىتى دۆلەتنىڭ 3 – دەرىجىلىك ئۆلچىمىگە يەتكەن؛ تۇرپان، ئاقسۇ، ئاتۇش، قەشقەر، خوتەننىڭ ھاۋا سۈپىتى ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ 3 – دەرىجىلىك ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە قۇمۇل شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى 2011 – يىلىغا قارىغاندا روشەن تۆۋەن بولغان، تونۇشتۇرۇلىشىچە بۇ ئاساسلىقى قۇمۇل شەھىرىدىكى زور تۈركۈمدىكى سانائەت تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. 2012 – يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە «پار قازانغا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىش، ئاپتوموبىللارنىڭ گاز چىقىرىش مىقدارىغا چەك قويۇلۇش، بۇلغىما كارخانىلارنىڭ شەھەر رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشى بىلەن ھاۋا سۈپىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغان، ھاۋا سۈپىتىدە 1 – ۋە 2 – دەرىجىلىك كۈن سانى ئومۇمىي كۈن سانىنىڭ %63.7 نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا %6.3 كۆپەيگەن، 3 – دەرىجىلىك، 4 – دەرىجىلىك ھەتتا 5 – دەرىجىدىكى ئېغىر بۇلغانغان ھاۋارايى كۈنى سانى ئازايغان. ئاپرېلدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپەت ئۆلچىمى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق 74 شەھەر ئىچىدە سۇجۇ، خاڭجۇلارنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىپ، ئالدىنقى 12- ئورۇنغا تىزىلغان. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2012 – يىلىدىكى ھاۋا ئۆلچىمى ئۆلچەمگە يەتكەن كۈنى 292 كۈنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىنكىدىن 16 كۈن ئۇزارغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە