باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ساختا تېررورلۇق ئۇچۇرى ئويدۇرۇش، قەستەن تارقىتىش جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى

2013.06.06 16:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىدىن ساختا تېررورلۇق ئۇچۇرى ئويدۇرۇش ۋە قەستەن تارقىتىش سەۋەبلىك پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشنى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تىرانسپورت تەرتىپىنى قوغداپ، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

  ‹‹ساختا تېررورلۇق ئۇچۇرى ئويدۇرۇش ھەم قەستەن تارقىتىش سەۋەبلىك پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تەپتىش ئورگانلىرى ج خ ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، رازۋېدكا قىلىشقا خادىم ئەۋەتىپ، ئىسپات توپلاپ، ماس كېلىدىغان قانۇنغا پىكىر بېرىشى كېرەك. قولغا ئېلىش ۋە ئەرز قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەنلەرنى تېز قولغا ئېلىشى ۋە ئەرز قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە ج خ ئورگانلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى بىلەن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دېلو بېجىرىشتە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە بىرلەشمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: جىنايەتنىڭ شەكىللىنىش مۇھىم شەرتىنى توغرا ئىگىلەش، قانۇن بويىچە ئىسپات توپلاشقا يېتەكلەش، ئېغىر زەربە بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ساختا تېررورلۇق ئۇچۇرى ئويدۇرغاندىن كېيىن ئۇنى تارقىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش ساختا تېررورلۇق ئۇچۇرى ئويدۇرۇش ۋە قەستەن تارقىتىش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ. ساختا تېررورلۇق ئۇچۇرى ئويدۇرۇش، تارقىتىش سەۋەبلىك كىشىلەر ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلىش ياكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ نورمال ئۇچۇشىغا دەخلى يەتكۈزۈش، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ نورمال تىرانسپورت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، دەپ بېكىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە