باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: بالىلىرىمىز تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلسۇن

2013.05.31 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

شى جىنپىڭ 29-ماي چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ئۆسمۈرلەر سارىيدا «بالىلار شادلىقى، قاناتلانغان ئارزۇ» تېمىسىدىكى بايرام پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، بىر «چوڭ دوست» سۈپىتىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئۆسمۈرلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى..
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 29-ماي چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ئۆسمۈرلەر سارىيىغا كېلىپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن 56 مىللەت ئۆسمۈرلىرى، كونا ئىنقىلابىي رايونلار ۋە ئاپەت رايونىدىن كەلگەن ئۆسمۈرلەر، تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلار ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرى، شۇنىڭدەك پايتەختنىڭ شەھەر-يېزىلىرىدىكى ئۆسمۈرلەر ۋەكىللىرى بولۇپ 1600دىن ئارتۇق ئۆسمۈر بىلەن بىللە «بالىلار شادلىقى، قاناتلانغان ئارزۇ» تېمىسىدىكى بايرام پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، بىر «چوڭ دوست» سۈپىتىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئۆسمۈرلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بالىلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارمىنىمىز. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھەر مىللەت ئۆسمۈر-بالىلىرىغا باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن تىرىشىپ تېخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار تەلىم-تەربىيە ئارقىلىق ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا يول كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتىنى زېممىسىگە ئېلىشى، پىئونىرلار ئەترىتى تەشكىلاتلىرى ئۆسمۈر-بالىلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەت ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆسمۈر-بالىلار خىزمىتىنى قوللىشى لازىم. ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان، ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە بۇنداق قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش كېرەك.(نى گۇاڭخۇي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە