باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدا 27 ئادەم دەرەخ ئاستىدا يامغۇردىن دالدىلىنىپ تۇرغاندا چاقماق سوقۇپ ئۆلگەن

2013.06.06 10:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. رۇسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بھابار ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى 5-ئىيۇن بۇ رايوندا يۈز بەرگەن چاقماق زەربىسىدە 27 ئادەم قازا قىلىپ، 20 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغانلىقىنى ئېيتقان.

  ھىندىستان تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش تارمىقى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بىھابار ئۆلكىسىدە بىر كۈن ئىچىدە چاقماقنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ 27 ئادەم قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 6 بالا ۋە 3 ئايال بار ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر نەچچە بالا دەرەخ ئاستىدا يامغۇردىن دالدىلىنىۋاتقاندا چاقماق سوقۇۋەتكەن.

  نۆۋەتتە، چاقماق زەربىسىدە كۆيۈپ كەتكەنلەر دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئىگىلىنىشىچە، ھىندىستاننىڭ بىھابار ئۆلكىسىدە بوران پەسلىدە دائىم چاقماق چاقىدىغان بولۇپ، 6-ئايدىن 9-ئايغىچە داۋاملىشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە