باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ باغراش كۆلى 6-نۆۋەتلىك بېلىق تۇتۇش بايرىمى 10-ئىيۇن باشلىنىدۇ

2013.06.05 17:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن «قۇملۇقتىكى غەربىي دېڭىز، بېلىقچىلار ناخشىسى» باش تېمىسىدىكى جۇڭگو . باغراش كۆلى 6-نۆۋەتلىك بېلىق تۇتۇش بايرىمى ۋە كۆلگە نەزىر-چىراغ قىلىش مۇراسىمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

  مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو-باغراش كۆلى 6-نۆۋەتلىك بېلىق تۇتۇش بايرىمى ۋە كۆلگە نەزىر-چىراغ قىلىش مۇراسىمى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  10-ئىيۇن، باغراش ناھىيەسى دەريا بويى مەنزىرە رايونىدا 6-نۆۋەتلىك بېلىق تۇتۇش بايرىمىنىڭ قوزغىتىش مۇراسىمى ۋە «رۇييۈەن لوڭقىسى» چوڭ تىپتىكى ئەنئەنىۋى قولۋاق مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدىكەن . 22-ئىيۇندىن 24-ئىيۇنغىچە، باغراش ناھىيەسىدە بېلىق تۇتۇش بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى، نەزىر-چىراغ مۇراسىمى، بېلىقچىلارنىڭ كۆل ياساش مۇراسىمى، باغراش كۆلى «بەخت بېلىقى»نى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، غەربىي دېڭىز 1-قازان ئون مىڭ كىشلىك بېلىق زىياپىتى، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ بېلىق قىياتاش رەسىملىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 23-ئىيۇن كەچتە بېلىق تۇتۇش بايرىمىدا چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە