باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر دا 6–ئايدىن باشلاپ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىدۇ

ئايدا 120 يۈەندىن 180 يۈەنگىچە ئۆستۈرۈلىدۇ

2013.06.03 17:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ شىنيۈنىڭ ئاپتونوم رايون ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 1 – ئىيۇندىن باشلاپ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى 11 – قېتىم تەڭشىشى ھېسابلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم تەڭشەلگەندىن كېيىنكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئىككى خىلغا ئايرىلغان. بۇنىڭ بىرىنچى خىلى، ئەمگەكچىلەر تاپشۇرغان كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندى قاتارلىق ھەقلەر (قىسقارتىلىپ ‹‹ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند›› دېيىلىدۇ)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بولۇپ، تۆت دەرىجىگە بۆلۈنگەن، يەنى ئايدا 1520 يۈەن، 1320 يۈەن، 1240 يۈەن، 1160 يۈەن بولۇپ، ئەسلىدىكى ئۆلچەمدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا 180 يۈەن ئېشىپ، ئوتتۇرىچە ئېشىش %16.14 كە يەتكەن. ئىككىنچىسى، ‹‹ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند››نى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى، بۇمۇ تۆت دەرىجىگە بۆلۈنگەن، يەنى: ئايدا 1210 يۈەن، 1020 يۈەن، 940 يۈەن، 865 يۈەن بولۇپ، ئەسلىدىكى ئۆلچەمدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا 120 يۈەندىن 125 يۈەنگىچە ئېشىپ، ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %13.92 كە يەتكەن .

  بۇ قېتىم تەڭشەلگەندىن كېيىنكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ سائەتلىك ئىش ھەققى ئۆلچىمى تۆت دەرىجىگە بۆلۈنگەن، يەنى: سائىتىگە 15.2 يۈەن، 13.2 يۈەن، 12.4 يۈەن، 11.6 يۈەن بولۇپ، ئەسلىدىكى ئۆلچەمدىن 1.8 يۈەن ئېشىپ، ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %16.14 كە يەتكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىز بۇ قېتىم ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشتە ئاساسىي قاتلاملارغا مايىل بولۇشنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئاشۇرغان. تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى تەڭشەلگەن 15 ئۆلكە، شەھەر ئىچىدە 4 – ئورۇندا، غەربىي شىمال رايونى بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە