باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقى ياۋروپاغا ئىنكاس قايتۇردى

2013.06.06 17:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەر ۋاقتى 4-ئىيۇن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى جۇڭگو قۇياش ئېنىرگىيەسى مەھسۇلاتلىرىغا قارتىلغان تۆكمە قىلىپ سېتىش تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان، باج ئېلىش لاھىيەسى بۇرۇنقىدىن ئازراق پەرىقلەنگەن.

  سودا مېنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شىن دەنياڭ 5- ئىيۇن بۇنىڭ غا قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى سۆھبەتلىشىش ۋە كېلىشىش ئارقىلىق مەسلىنى ھەل قىلىشقا ئالاھىدە سەمىمىيىتىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە زور تېرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ياۋروپا تەرەپنىڭ يەنىمۇ سەمىمىي، جانىلىق بولۇپ، كەلگۈسى ئىككى ئاي ئىچىدە، ماجرانى ھەل قىلىدىغان مۇۋاپىق ئۇسۇل تېپىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  سودا مېنىستىرلىقىنىڭ 5-ئىيۇندىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۈزۈم ھارىقىغا قارىتىلغان تۆكمە قىلىپ سېتىش ۋە تولۇقلىما بېرىشىنى تەكشۈرۈش قارارىغا توغىرىسىدا سۇئال سورالغاندا، سودا مېنىستىرلىقى ئادىل سودا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ دەنياڭ: بۇ ئۆچ ئېلىش قىلمىشى ئەمەس، دېدى.

  ليۇ دەنياڭ: ئىلىمىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈزۈم ھاراقلىرىنى بۇنداق قوش تەكشۈرۈشى، شۇ كەسىپنىڭ ئىلتىماسىدىن بولغان، مۇناسىۋەتلىك قانۇن ۋە تەرتىپلەر ئاساسىدىكى نورمال سودا تەدبىرى، ھەرگىزمۇ ئۆچ ئېلىش تەدبىرى ئەمەس. جۇڭگو سودا قورغىنى قىلمىشىغا ئىزچىل قارشۇ تۇرۇپ كەلدى، ئىلىمىز سودا تولۇقلىمىسىنى تەكشۈرۈشكە ناھايىتى ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتىدۇ. ئۈزۈم ھارىقى گەرچە بەك قىممەت بولمىسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر كەسىپ. جۇڭگو ئەمەلىيەت ئاساسىدا ئوچۇق-ئاشكارە ئادىل تەكشۈرىدۇ، دېدى.#

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە