باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭخەي خەيشىدا بەش بال يەر تەۋرىدى

2013.06.06 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى چىڭخەي يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىدىن ئىگىلىنىشىچە، 5-ئىيۇن ئەتىگەن سائەت 8:43تە، چىڭخەي ئۆلكىسى خەيشى موڭغۇل، تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستى چېگرىسىدا بەش بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 4 كىلومېتىر ئىكەن.مۇخبىر خەۋەر تارقاتقۇچە، يارىلىنىش، ئىقتىسادىي زىيان توغرىلىق ھېچقانداق مەلۇمات يوق بولۇپ، باشقا ئەھۋاللار نۆۋەتتە تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، يەر تەۋرەش مەركىزى بۇ ئوبلاستنىڭ دېلىڭخا شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 127 كىلومېتىر بولۇپ، گېرمۇ شەھىرى رايونى، داچەيدەن كەنتى بىلەن تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدىكەن، شىيتيېشەن كەنتى بىلەن بولغان ئارىلىقى 50 كىلومېتىر، دامېيگۇ كۆمۈر جىلغىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 13 كىلومېتىر كېلىدىكەن. گېرمۇ شەھىرى، داچەيدەن كەنتىدە تەۋرەش سىزىمى بولغان بولۇپ، سائەت 9:10دا، خەيشى ئوبلاستلىق يەر تەۋرەش ئىدارىسى ئاپەت رايونىغا ئادەم ئەۋەتتى، دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئادەم يارىلانغانلىق ۋە مال ـ مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىق توغرىسىدا خەۋەر يوق ئىكەن.

  چىڭخەي ئۆلكىلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسى ئۈچىنچى دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش چاقىرىقى تارقىتىپ، سەككىز ئادەم ئەۋەتىپ يەر تەۋرەش رايونىدىكى خىزمەتنى قانات يايدۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە