باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىر قىسىم كارىب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى(1)

2013.06.03 16:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- ۋە 2-ئىيۇن تىرىنىداد ۋە توباگونىڭ پايتەختى ئىسپانىيە پورتىدا گىۋىيانا پىرېزىدېنتى راموتال، گرېنادانىڭ باش مىنىستىرى مىچىل، باھامانىڭ باش مىنىستىرى كرىستى، يامايكىنىڭ باش مىنىستىرى سىمپسون مىللېر بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى، ئۇلار بىلەن ئىككى تەرەپلىك دوستانە ھەمكارلىق ۋە جۇڭگو بىلەن كارىب رايونىنىڭ ئومۇمىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ راموتال بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: گىۋىيانا-جۇڭگو بىلەن تۇنجى بولۇپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئىنگلىز تىللىق كارىب دۆلىتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى ياخشى. جۇڭگو گىۋىيانا بىلەن بىرلىكتە، ھۆكۈمەت، پارلامېنت، پارتىيەلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئاليۇمىنا، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گىۋىيانانىڭ ئايرودۇرۇم، ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق تۈرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا سىستېما ئىسلاھاتى، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە كەڭ ئورتاق مەنپەئەتى بار، كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا يېقىندىن ماسلىشىشى كېرەك.

  راموتال مۇنداق دېدى: گىۋىيانا بىلەن جۇڭگو ئۇزۇن مۇددەت دوستانە ئالاقە قىلىپ، بىر-بىرىنى قوللىشىپ كەلدى. گىۋىيانا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشكە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. گىۋىيانا جۇڭگو بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مىچىل بىلەن كۆرۈشكەندە، گرېنادانىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىلىرىدە جۇڭگونى قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سەككىز يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-گرېنادا مۇناسىۋىتى ئوڭۇشلۇق راۋاجلاندى. ئىككى تەرەپ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، داۋاملىق تېرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشنى پۇختىلاپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك، ئادەم كۈچى بايلىقى، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى لازىم.

  مىچىل مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى. نۆۋەتتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشتى. گرېنادا ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش پىرىنسىپى بويىچە، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق رىشتىنى داۋاملىق چىڭىتىپ، دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە