باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسى كېرەكسىز سۇلياۋ يوپۇق پارچىسىنى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇش ئىجازىتىگە ئېرىشتى

2013.06.03 08:39         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا كۇچا ناھىيەسىنىڭ كېرەكسىز سۇلياۋ يوپۇق پارچىسىنى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇش دوكلاتىنى تەستىقلىدى.

  كۇچا يېزا ئىگىلىكىدە سۇلياۋ يوپۇقنى كۆپ ئىشلىتىدىغان ناھىيە بولۇپ، ھەر يىلى سۇلياۋ يوپۇق ئىشلىتىلىدىغان كۆلەم 870 مىڭ مودىن، يىلدا ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ يوپۇق 5600 توننىدىن ئاشىدۇ. ناھىيە رەھبەرلىكى بۇ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، تۈر تۇرغۇزۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشتى.

  ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر كېرەكسىز سۇلياۋ يوپۇق پارچىسىنى يىغىۋېلىش نۇقتىسىدىن 12نى قۇرۇش تەييارلىقى باشلانغان، بۇ قۇرۇلۇشقا 13 مىليون 580 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ 9 مىليون 500 مىڭ يۈەنىنى مەركەز مالىيەسى، 4 مىليون 80 مىڭ يۈەنىنى كارخانا چىقىرىدىكەن، زاۋۇت قۇرۇلۇشى 2014 – يىلى پۈتتۈرۈلۈپ، 150 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە