باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تېررورچىلار كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنى مۇجىۋاتىدۇ(1)

2013.06.03 16:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تىررورىزىم ياۋروپا ۋە ئامېرىكا جەمئىيىتىدە يامراۋاتىدۇ. تېررورچىلار كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنى مۇجىۋاتىدۇ.

  تىررورچىلار بەك ئەشەددىي! مەيلى فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى بولسۇن ياكى ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى بولسۇن ۋە ياكى بوستوندىكى پارتلىتىش ۋەقەسى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى غەرب ئەللىرىگە بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولدى. ئەگەر خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلار، ئېرىقىي زىددىيەتلەر، دىنىي توقۇنۇشلارغا سەل قارىساق تېررورلۇق ۋەقەۋەلىرى داۋاملىق يۈز بېرىدۇ، ھەتتا تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ.

  25-ماي، پارىژنىڭ شەھەر ئەتراپىدا تېررورىزىمغا قارشى چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بىر فىرانسىيە ئەسكىرى تۇيۇقسىز بىر ئەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلاندى، فىرانسىيە ساقچىلىرى دەسلەپكى قەدەمدە بۇنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ بېكىتتى.

  ۋەقە ئەنگلىيە ئەسكىرى ئۆلتۈرۈپ 3 كۈندىن كېيىن، بوستوندىكى پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر ئايدىن كېيىن يۈز بەردى. ئىككى قاتىل كۈپكۈندۈزدە ئەنگلىيە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، قېچىپ كېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن تېخى يولۇچىلارنىڭ سۈرەتكە تارتىۋېلىش ئۈچۈن تۇرۇپ بەردى، ھەتتا كامېرىغا قاراپ ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى سۆزلەپ، ئەنگلىيەدىن قانغا قان ئالغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

  مۇتەخسسىسلەر بۇنى تەشكىلسىز تېررورىزىم دەپ بېكىتتى. «تەشكىلسىز تېررورىزىمنىڭ كۈنسېرى زورىيىۋاتقان تەھدىتىنى چۈشىنىش» ناملىق كىتابنىڭ يازغۇچىسى جېفرىي سىمون بۇنىڭغا ئېنىقلىما بېرىپ، بۇ مۇستەقىل ياكى بىر ئىككى ياردەمچىنىڭ قوللىشى بىلەن، تەھدىت ياكى زوراۋانلىق ئارقىلىق، مەلۇم بىر خىل سىياسىي، ئىجتىمائىي، دىنىي پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ئالاقىدار نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، تېررورىزىم كەيپىياتى پەيدا قىلىپ، نورمال ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى بۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە