- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چيەن جۇڭشۇ ئائىلىسىنىڭ خەت-چەكلىرىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشتا ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ
2013.05.30 17:03 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 29-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا، بېيجىڭدىكى بىر كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش شىركىتى چيەن جۇڭشۇ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ياڭجياڭنىڭ خەت-چەك ۋە قوليازمىلىرىنى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ياڭجياڭ ئوچۇق خەت يېزىپ قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ ئىش جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
29-چېسلا چۈشتىن كېيىن، دۆلەتنەشر ھوقۇقى ئىدارىسى نەشر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈ سىكې زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ئىش چېتىلىدىغان ئەسەر ھوقۇقى مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسىئامما ۋە تاراتقۇلارنىڭ ئالاقىدار مۇنازىرىلىرىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىبار بېرىۋاتىدۇ. بىز چيەن جۇڭشۇنىڭ شەخسىي خەت-چەكلىرىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش نەرسە ھوقۇقى، ئەسەر ھوقۇقى، شەخسىيەت ھوقۇقى، نام ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلارغا چېتىلىشى مۇمكىن دەپ قارايمىز. ئەسەر ھوقۇقىنىلا ئېلىپ ئېيتساق، خەت-چەكيازما ئەسەر بولغانلىقتىن، ئەسەر ھوقۇقى ئاپتورغا يەنى خەت يازغۇچىغا تەۋە بولىدۇ. كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىدا خەت-چەكنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئاپتورنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، خەت-چەكتىن ئەسەر ھوقۇقى نۇقتىسىدىن پايدىلىنىشقا بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق بولىدۇ. مەسىلەن، خەتتىكى بارلىق ياكى قىسمەن مەزمۇننى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاش ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئەسەر ئېلان قىلىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق بولىدۇ. (جاڭ خې خەۋىرى؛جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
ئالاقىدار خەۋەرلەر