باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كامبودژادا خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى

2013.05.30 14:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 17 ياشقا كىرگەن سۇنارا باشقا نۇرغۇنلىغان كامبودژالىق ياشلارغا ئوخشاشلا ھەر كۈنى ئەتتىگەن سائەت 7:00 دە ئۇنىۋېرسىتېتقا بېرىپ كەسىپ ئۆگىنىدۇ، چۈشتىن كىيىن بىر سائەت ئىنگلىز تىلىدىن دەرس تولۇقلايدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن تاكى كەچ كىرگۈچە دۈەنخۇا مەكتىپىدە خەنزۇ تىلى ئۆگىنىدۇ. ئۆگىنىش سۈرئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن سۇنارا كۆپ ھاللاردا ئائىلىسىگە قايتقاندىن كىيىنمۇ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنى تاكى يېرىم كېچىگىچە داۋاملاشتۇرۇپ ئاندىن ئۇخلايدۇ. سۇنارا مۇنداق دەيدۇ: كەلگۈسىدە بىر خەنزۇ تىلى تەرجىمانى بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئۈچۈن ھازىر بۇنچىلىك جاپالارنى تارتىشىمغا ئەرزىيدۇ.

  ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1994- يىلدىن 2012- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جۇڭگونىڭ كامبودژاغا سالغان ئومۇمىي مەبلىغى 9 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، بۇ مەبلەغ ئاساسلىقى ئېنېرگىيە ، كانچىلىق، توقۇمچىلىق، بانكا كەسپى، پۇل مۇئامىلە، ئۆي- مۈلۈك ساھەسى ۋە ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەرگە سېلىنغان، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو كامبودژانىڭ ئەڭ چوڭ چەتئەل مەبلىغى مەنبەسى بولۇپ قالغان. جۇڭگونىڭ كامبودژاغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى نەتىجىسىدە كامبودژالىقلار ئارىسىدا خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن. توقۇمچىلىق زاۋۇتلىرىدا خەنزۇ تىلى بىلىدىغان ئىشچىلارنىڭ مائاشى خەنزۇ تىلى بىلمەيدىغان ئىشچىلارغا قارىغاندا يۇقىرى ئىكەن. خەنزۇ تىلى بىلىدىغان ساياھەت يېتەكچىلىرىمۇ ئۆز ئارتۇقچىلىقى بىلەن ساياھەت ئالتۇن مەزگىلىدىكى بازارنىڭ ساياھەت يېتەكچىلىرىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كامبودژادىكى ھەر سەھە- ھەر كەسىپلەرنىڭ خەنزۇ تىلى تەرجىمانلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى سەۋەبىدىن كامبودژادا خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن، دەرستىن سىرتقى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتناشقان ئادەم سانى يىلمۇ- يىل ئېشىپ بارغان، بۇ جەھەتتە دۈەن خۇا مەكتىپىنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش كەچ كۇرسى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، كۇرسانتلار ئاساسلىقى ستۇدېنتلار ۋە شىركەتلەرنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىكەن. كامبودژا خەلقئارا ئىنگلىز تېلى مەكتىپى يېقىندىن بۇيان كامبودژا تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىللا دەرس تەسىس قىلغان، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا بۇ مەكتەپ يېڭىدىن يەنە ئىككى خىل دەرسلىك تەسىس قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى كۇڭزى نەزەرىيەسى دەرسلىكى ئىكەن. مەزكۇر مەكتەپنىڭ مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چەت ئەللەرنىڭ پىنومپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىدىن بىر قانچە كىشى كۇڭزى نەزەرىيەسى كەسپىنى ئۆگىنىشكە تىزىملاتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە