باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئالىملىرى H7N9 قۇش زۇكىمى يۇقۇمىنىڭ كىلىنىكىلىق قانۇنىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىدى

2013.05.29 17:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي خاڭجۇدىن بەرگەن خەۋىرى: %100 ۋە %91.1 بىماردا قىزىش-يۆتىلىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، مۇتلەق كۆپ سانلىق بىمار ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىككە گىرىپتار بولىدۇ؛ قېرىلار بىلەن ئەرلەرنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى، كېسىلى بارلار تېخىمۇ ئاسان ئۆلۈپ كېتىدۇ...

  تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، H7N9 ۋىرۇسى قېرىلارغا تېخىمۇ تېز ھۇجۇم قىلىدىكەن. جېجياڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، خېنەن قاتارلىق 7 ئۆلكە-شەھەردىن كەلگەن 111 بىمارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 61 ياش بولۇپ، بۇلار ئىچىدە 65 ياشتىن يۇقىرىلار %42.3نى ئىگىلەيدىكەن، يېشى ئەڭ چوڭ بىمار 88 ياش ئىكەن.

  بۇ تۈردىكى تەتقىقاتنىڭ مەسئۇلى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى لى لەنجۈەن «بۇ جۇڭگو ئائىلىلىرىدە كۆپىنچە قېرىلار كۆكتات بازىرىغا بېرىپ كۆكتات سېتىۋېلىشتەك تۇرمۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن» دېدى. تېرىك قۇشلارنى ساتىدىغان كۆكتات بازارلىرىنىڭ H7N9 ۋىرۇسىنىڭ تېرىك قۇشلاردىن ئادەملەرگە يۇقۇشىدىكى ئاساسىي مەنبەىسى ئىكەنلىكى ئاللىقاچان ئىسپاتلاندى.(جاڭ يۆ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە