باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ ئۇرۇگۋاي پىرېزىدېنتى مۇھىكا بىلەن كۆرۈشتى

2013.05.28 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 28-ماي خەلق سارىيىدا ئۇرۇگۋاي پىرېزىدېنتى مۇھىكا بىلەن كۆرۈشتى.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: پىرېزىدېنت جانابلىرى جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، جۇڭگو بىلەن ئۇرۇگۋاينىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ گۇۋاھچىسى ۋە قۇرغۇچىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئۇرۇگۋاينىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى داۋاملاشتى، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە خەلقىنىڭ دوستلۇقى كۈچىيىپ، ئىككى تەرەپلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولدى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئۇرۇگۋاي پارلامېنتى بىلەن بولغان ھەرقايسى قاتلاملاردىكى ئالماشتۇرۇشىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، بىر-بىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن پىرېزىدېنت جانابلىرى تۈنۈگۈن ھاسىل قىلغان كەڭ ئورتاق تونۇشنى بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆز دۆلىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  مۇھىكا مۇنداق دېدى: جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت ئۆتكەن بىر قانچە ئون يىلدا تېز تەرەققىي قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قېلىپىنى ئۆزگەرتتى، ئۇرۇگۋاي جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەمدە جۇڭگو بىلەن ئۇرۇگۋاينىڭ ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ھەمكارلىشىشىنى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە