باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز 2015-يىلى يايلاق ھوقۇقىنى بېكىتىپ ھۆددىگە ئېلىشنى ئاساسەن تاماملىدى

2013.05.30 14:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2015-يىلغىچە يايلاق ھوقۇقىنى بېكىتىپ ھۆددىگە بېرىش ۋە يايلاقنى ئايرىش خىزمىتى ئاساسەن تاماملىنىدۇ، يايلاق چارۋا تەڭپۇڭلۇقى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يايلاق ئېكولوگىيە مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ، يايلاق چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش تېزلىتىلىدۇ.

  مۇئاۋىن يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى گاۋ خۇڭبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يايلاقنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يايلاقنى ھۆددىگە بېرىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش يايلاقنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە ھۆددىگە بېرىلگەن يايلاق كۆلىمى 4 مىليارد 100 مىليون موغا يېتىپ، پايدىلانغىلى بولىدىغان يايلاق كۆلىمىنىڭ %82 نى ئىگىلىدى. كېيىنكى باسقۇچتا ئېلىمىز يايلاقنى باشقۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يايلاقنى ھۆددىگە بېرىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش سىنىقىنى يولغا قويۇپ، يايلاقنى ھۆددىگە بېرىش ھوقۇقنى بېكىتىش تىزىملاش خىزمىتى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. سودا سانائەت كارخانىلىرىنىڭ چارۋىچىلارنىڭ يايلىقىنى ئىجارىگە ئېلىش ھۆددىگە ئېلىش تەلىپى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ ۋە ۋە بۇ ھەقتە ئىزدىنىلىپ، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ يايلاقنى قانۇنلۇق ھۆددىگە ئېلىش ھوقۇقى قوغدىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە