باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ زوراۋانلىق تىررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ

2013.05.29 17:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ 28-ماي مۇنداق دېدى:ھازىر شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى ياخشى، ھەر مىللەت خەلقى شىنجاڭنىڭ مۇقىم ئىناق بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

  شى داگاڭ گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىدە مەسىلە يوق. شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى دېنى ئەسەبىي كۈچلەر تەشۋىق قىلىش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئامما ئارىسىدىكى تونۇشى يۇقىرى ئەمەس كىشىلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان. شىنجاڭ دىنى بۇزغۇنچىلىق ۋە زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان،شىنجاڭ تارىختا تەرەققىياتى ئەڭ تىز، ئەڭ ياخشى، ھەر مىللەت خەلقى ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشىدىغان مەزگىلگە كىردى. شىنجاڭنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2009-يىلىدىكى427 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن 2012-يىلى 750 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، يىلىغا يۈز مىليون يۈەندىن كۆپەيدى. 2012-يىلى شىنجاڭدىكى شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئىلكىدىكى كىرىمى18 مىڭ 151 يۈەنگە،دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 6442 يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى %10، %20 لىك سۈرئەت بىلەن ئاشتى. ئۆتكەن يىلى ساياھەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 48 مىليون 610 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 2009-يىلىدىكىدىن بىر قاتلىنىپ ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە