باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاراماي بىلەن تارباغاتاي شېرىكلىشىپ ياسايدىغان تۆمۈريول قۇرۇلۇشى باشلاندى

2013.05.30 13:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  27– ماي شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسىم رايونىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، قاراماي شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە بىڭتۈەن 9 – شىسى بىرلىكتە قاراماي – تارباغاتاي تۆمۈريولىنى شېرىكلىشىپ ياساش قۇرۇلۇشى كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. ئىگىلىنىشىچە، ئومۇمىي مۇساپىسى 308 كىلومېتىر، ئومۇمىي سېلىنمىسى 5 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولغان قارامايدىن تارباغاتايغىچە بولغان بۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى 2017 – يىلى پۈتىدىكەن، ئاخىرىدا ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا قاتنايدىغان3 – چوڭ تۆمۈريول بولۇپ قالىدىكەن.

  قاراماي – تارباغاتاي تۆمۈريولى شىنجاڭ تۆمۈريول تورى كۈيتۈن – بېيتۈن لىنىيەسىنىڭ بىر تارماق تۆمۈريولى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى خەلقئارا يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. لايىھە بويىچە قاراماي – تارباغاتاي تۆمۈر يولى كۈيتۈن تۆمۈريولىنىڭ قاراماي ئاقبۇلاق ۋوگزالىغا تۇتىشىپ، قاراماي شەھىرى، ئاقبۇلاق نېفىتلىكىنى بويلاپ شىمالغا مېڭىپ، تولى ناھىيەسىنىڭ تۆمۈرساي بازىرى، دۆربىلجىن ناھىيەسى ئارقىلىق ئاخىرقى بېكەت تارباغاتاي ۋوگزالىغا تۇتىشىدۇ. قاراماي – تارباغاتاي تۆمۈريولى غەربىي تەرەپتە دۆلەتنىڭ 1 – دەرىجىلىك پورتى باقتۇ پورتىغا تۇتىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا ياۋروپاغا تۇتىشىدۇ، شەرقىي تەرەپتە شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېجىنا، باۋتۇ قاتارلىق رايونلىرىدىن ئۆتىدۇ. قاراماي – تارباغاتاي تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، يېقىنقى مەزگىلدە يىللىق توشۇش مىقدارى 10 مىليون 420 مىڭ توننىغا، كەلگۈسىدىكى توشۇش مىقدارى 15 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاراماي – تارباغاتاي تۆمۈريولىنى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەتتىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قۇرۇلۇشى بويىچە يەرلىك تۆمۈريولنىڭ ئۈلگە قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە قوللىدى ۋە ئالدىنقى قارارلىق قۇرۇلۇشقا 5 مىليون يۈەن ئاجراتتى. ھازىر ‹‹گوديەن››، شۈجۇ كان ئىشلىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق بەش داڭلىق كارخانا رويخەتكە ئالدۇرۇپ شېرىك شىركەت قۇرۇپ، بۇ قۇرۇلۇشقا پاي قوشتى، توپلانغان مەبلەغ 20 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  بۇ يىل مارتتا شىنجاڭ تۆمۈريول چارلاش، لايىھەلەش يۇرتى ئۈستىگە ئالغان مۇمكىنلىك تەتقىقاتىنىڭ ئالدىنقى قارارلىق خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشتى. بۇ قۇرۇلۇشتا ‹‹ئومۇمىي لىنىيە بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇچاستىكىلارغا بۆلۈپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئۇچاستىكىلار بويىچە يولغا قويۇش›› ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، بۇ يىل بارلىق مەخسۇس تېما خاراكتېرلىك تىرەك دوكلاتىنى تەستىقلىتىش ۋە تەكشۈرتۈش خىزمىتى تاماملىنىدۇ؛ 2014 – يىلى ئىيۇلدا تىزگىنلەش خاراكتېرلىك ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملىنىدۇ ۋە دەسلەپكى قەدەمدە سىناق تەرىقىسىدە قاتناش شارائىتى ھازىرلىنىدۇ؛ 2017 – يىلى ئىيۇننىڭ ئاخىرىدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە