باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلىتىمىزدە ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن دوكلات بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ

2013.05.28 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن دوكلات بېرىش تۈزۈمىنى تېزدىن ئورنىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى ئەتراپلىق، ھەقىقىي، توغرا ئەكس ئەتتۈرۈشنى قارار قىلغان.

  ھۆكۈمەت مالىيە دوكلاتى ‐‐ تۈزۈمى مالىيە ھېسابات جەدۋىلىنى ئاساسىي شەكىل قىلغان، ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە ئەھۋالى، مالىيەنىڭ يۈرۈشۈش نەتىجىلىرى ۋە ھاۋالىلىك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئۇنىۋېرسال دوكلات. ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىۋېرسال مالىيە دوكلاتى ئادەتتە ھۆكۈمەتنىڭ بايلىق قەرز جەدۋىلى، كىرىم-چىقىم جەدۋىلى قاتارلىق ھېسابات جەدۋىلى، نەق پۇل مىقدار جەدۋىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن دوكلات بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ھۆكۈمەت مالىيەسىنىڭ ئاشكارىلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بايلىق، قەرز، كىرىم، چىقىم ئەھۋاللىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە، ھۆكۈمەت بايلىقى، قەرزى ۋە خامچوت باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، مالىيە كىرىم-چىقىمىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-جەمئىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.(لى لىخۇي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە