باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جىڭشىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىقات قىلدى

2013.05.29 17:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سۈرەتتە، يۈ جېڭشېڭ خوتەن شەھىرى گۇلباغ كوچىسى ئىتتىپاق مەسچىتىدە دىنىي زاتلار بىلەن كۆرۈشتى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشىڭ 23-مايدىن 28-مايغىچە خوتەن، قەشقەر، غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مىللىي يېزا بازارلارغا، بىڭتۇەن پولىك مەيدانلىرىغا، سانائەت باغچا رايونلىرىغا، چېگرا ئېغىزلىرىغا باردى، ھەمدە كۆپ قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت كادىر ئاممىسى بىلەن تەرەققىيات مۇقىملىقى ئۈستىدە كېڭىشتى.

  شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشتە تەرەققىياتقا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. يۈ جىڭشىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئورنى ئالاھىدە ۋە بايلىقى مول بولۇپ يوشۇرۇن كۈچلەرنى تولۇق قېزىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئۆزگىچە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاساسىي مۇئەسسەسسە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش كۈچىنى زورايتىپ، ياخشى ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئومۇميۈزلۈك ماسلاشقان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  مىللىي رايونلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يۈ جىڭشىڭ ئىزچىل تۈردە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلار. يۈ جىڭشىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاساسى. كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەمگەك كۈچ زىچ كەسپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى تىرىشىپ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. قوش تىل مائارىپىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىغا ۋە پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئومۇمىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. يۈ جىڭشىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، مارالبېشى ناھىيەسى دۆلەت باغ يېزىسى قومۇش كۆل كەنتى ساقچىخانىسى، خوتەن شەھىرى گۈلباغ كوچىسى ئىتتىپاق مەسچىتىگە بارغاندا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە دىنىي ئەربابلار بىلەن مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. يۈ جىڭشىڭ يەنە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىيات خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە