باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گىرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن بولغان سۆھبىتىدە جۇڭگو-گىرمانىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يوقىرى سەۋىيەدە ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى

2013.05.27 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى،گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 26-چېسلا گىرمانىيەنىڭ زۇڭلى مەھكىمىسىدە زۇڭلىمېركېل بىلەن چوڭ-كىچىك دائىرىلىك نەتىجىلىك سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-گىرمانىيەھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى ئورتاق پىلانلىدى ھەمدە جۇڭگو-گىرمانىيە ئىستىراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. (مۇخبىر ۋۇ لېجۈن، گۇەن كېجياڭ، جېڭ خۇڭ)

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دۇنيادا تەسىرى بار دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپلىك دائىرىدىن ئېشىپ، تېز تەرەققىي قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ مەنپەئەت بىرلىشىش نۇقتىسى كۆپ، ھەمكارلىق ئاساسى مۇستەھكەم، مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى پارلاق، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىككى دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ۋە دۇنياغا پايدىلىق، بىز گېرمانىيەنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ قاتلام، كەڭ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە مۇناسىۋىنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى چوڭ يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگەللەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلەرنىڭ يىللىق كۆرۈشىشى ۋە ھۆكۈمەتلەر كېڭىشىشى قاتارلىق مېخانىزمنى ساقلاپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقە ھەمدە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە