- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2013-يىلى شىنجاڭ 181 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بالىلار پاراۋانلىق مۇلازىمەت مەركىزىدىن 20 نى قۇرىدۇ
2013.05.30 09:18 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان بالىلار پاراۋانلىق مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ پۈتەي دەپ قالغانلىقىنى كۆرگەن نىلقا ناھىيەلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مەركىزىنىڭ باشلىقى ليۇ زوچاۋ ئىنتايىن خۇشال بولدى . ئۇ مۇنداق دېدى : 6 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بالىلار پاراۋانلىق مۇلازىمەت مەركىزى يېتىم بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ .
مۇخبىرنىڭ شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، بۇلتۇر خەلق ئىشلىرى نازارىتى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 100 مىليون يۈەنلىك ياردەم مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ ، بالىلار پاراۋانلىق مۇلازىمەت ئاپپاراتىدىن 57 نى قۇرغان ھەمدە بىر قىسىم ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بالىلارنى داۋالاپ ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىل يەنە 181 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت-ئوبلاستلاردا بالىلار پاراۋانلىق مۇلازىمەت مەركىزىدىن 20 سى قۇرۇلىدىكەن .
ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 30 مىڭ 29 نەپەر يېتىم بالا بار بولۇپ ، نۆۋەتتە ئاپپاراتلارنىڭ يېتىم بالىلارنى بېقىش ئۆلچىمى ھەر بىر بالىنىڭ ئېيىغا 900 يۈەن بولۇۋېتىپتۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە