- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مېدۋېدېف ئىستېپا بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
2013.05.28 17:03 مەنبە: خەلق تورى
يېقىندا رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېف خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىدىكەن دېگەندەك مىش-مىش پاراڭلار ئاۋۇپ قالغانىدى، 26-چىسىلا مېدۋېدېف بۇ ئىشقا تۇنجى قېتىم ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىدا بىر پىروگراممىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا مۇنداق دېدى،ئىستىپا بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار سىياسىي ساھەنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى ھەم بۇ قىزىقىش بۇندىن كېيىنمۇ ساقلىنىدۇ. ھالبۇكىمەن «زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلغاندىلا ئىستىپا بېرىشكە تەرەددۇتلىنىپ بولغان». لېكىنئىستېپا بېرىشىم سىياسىي سەھنىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىدىغانلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى، ئەينى ۋاقىتتا زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن ۋاز كەچكەنلىكىمگىمۇ پۇشايمان قىلمايمەن، پۇتىن بىلەن ئىككىمىز «ئالاھىدە يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىزنى ئىزچىل ساقلاپ كەلدۇق».
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە