باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ شۋېتسارىيىدە ئائىلە قوروقىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2013.05.27 08:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 24-ماي چۈشتىن بۇرۇن سيۇرىخ شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى گولدېن بىگ ئائىلە قورۇقىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:شۋېتسارىيىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 24-ماي چۈشتىن بۇرۇن سيۇرىخ شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى گولدېن بىگ ئائىلە قورۇقىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن شۋېتسارىيىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش كېرەك.

  سيۇرىخنىڭ 5-ئاي مەزگىلى يېشىللىققا پۈركەنگەن، قىچا گۈللىرى ئېچىلغان مەزگىل. گولدىن بىگ ئائىلە قورۇقىدا يەرلىك مىللىي مۇزىكىلار چىلىنىپ، ئەنئەنىۋى كىيىم كېچەكلىرىنى كىيگەن ئاھالىلەر يېقىملىق ناخشىلىرى بىلەن جۇڭگولۇق مېھمانلارنى قارشى ئالدى. گولدىن بىگ ئائىلە قورۇقىدا لىيئىنخارت جەمەتى 1934-يىلى تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. يەر كۆلىمى تەخمىنەن 40 گېكتار كېلىدىغان بولۇپ،سېغىن كالا باقمىچىلىقى، تېرىقچىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىرىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

  لى كېچياڭ سېغىن كالا قوتانلىرى، سۈت ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە مېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ئورنىنى قىزىققان ھالدا ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەيدانىنىڭ باقمىچىلىق، زىرائەت سورتلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى. ئارقىدىن قورۇقنىڭ سارىيىدا لى كېچياڭ ئائىلە قورۇقنىڭ خوجايىنى بىلەن پاراڭلاشتى.

  لى كېچياڭ قورۇقتا ئالتە شەخسىي ئىگىلىك بارلىقىنى ئۇقۇپ مۇنداق دېدى: شۋېتسارىيە مول يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق بايلىقى ۋە ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە. جۇڭگو يوشۇرۇن كۈچى زور بازارغا ئىگە ، ئىككى تەرەپنىڭ كەمكوسلىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى ۋە دېھقانلار كىرىمىنى ئۆستۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە