باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

جۇڭگو پۇتبۇلى دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى مۇمكىن

گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ ماتېرىيالىنى توپلاۋاتىدۇ

2013.05.24 13:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. جۇڭگو پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى مۇخبىرغا يېقىندا يۇقىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىغا كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقسىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرغارنلىقىنى دەلىللىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ گوۋۇيۈەن ئىسىتىراتېگىيە تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ماتېرىيال تاپشۇرۇشى ئىكەن، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك خادىملارمۇ تەھىلىل قىلىپ، جۇڭگو پۇتبۇلچىلىقى دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.

  جۇڭگو پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتىدىكى خادىملار تەھىلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: «يېقىندا گوۋۇيۈەن ئىسىتىراتېگىيە تەتقىقات ئىشخانىسى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، جۇڭگو پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىدىن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى يۇقىرىغا يوللاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ يېقىندا بىر قىسىم كەسپىي پۇتبۇلچىلىقنى قوللاش ھەرىكىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ بىشارىتى، جۇڭگو پۇتبۇلچىلىقى بەلكىم دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشىدەك يېڭى بىر پۇرسەتنى كۈتۈۋېلىشى مۇمكىن، نېمىلا دېگەن بىلەن جۇڭگودا پۇتبۇل ھەۋەسكارلىرى كۆپ، ئېتىبار بېرىش دەرىجىسى يۇقىرى. كونكرېت قانداق قوللايدىغانلىقىنى ھازىرچە بىلگىلى بولمايدۇ، ئەمما پۇتبۇلغا مەبلەغ سالغان كارخانىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا باج كەچۈرۈم قىلىش، ياكى تەنتەربىيە مەيدانىنى ئىجارىگە بېرىش، قوغداش ھەققى قاتارلىقلارنى ئازايتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش مۇمكىن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە