- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
كىلىنىكىدا ئىشلىتىلىدىغان H7N9 قۇش زۇكىمىنى تەكشۈرۈش سىناق دورىسىنى بازارغا سېلىش تەستىقلاندى
2013.05.23 15:56 مەنبە: خەلق تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 22-ماي ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ كىلىنىكىدا ئادەمگە ئىشلىتىلىدىغان H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش سىناق دورىسىنى بازارغا سېلىش دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان. بۇ ئىككى خىل دىياگنوز قويۇش سىناق دورىسى ئارقىلىق، يۇقۇملۇق زۇكام ئالامەتلىرى بار بىمارلار ياكى ئۇلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ نەپەس يولى ئاجرالمىلىرىنىڭ ئەۋرىشكىسىدىن H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمىنىڭ ۋىرۇسى RNA نى بەدەن سىرتىدا تەكشۈرگىلى بولىدىكەن، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئارقىلىق، بىمارلارنىڭ H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
${KEYWORD}