باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شياڭگاڭ، شېنجىن، گۇاڭجۇ قاتارلىق ئۈچ جاي شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلمەكتە

2013.05.24 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9-نۆۋەتلىك شېنجىن خەلقئارا مەدەنىيەت يەرمەنكىسىدە، ئۈرۈمچىدىكى ساياھەت كارخانىلىرى شياڭگاڭ، شېنجىن، گۇاڭجۇ قاتارلىق ئۈچ جاي بىلەن 10 ئايروپىلان ، 10 مەخسۇس پويىزنى ھۆددىگە ئېلىش توغرىسىدا قىممىتى 3 مىليۇن 860 مىڭ يۈەنلىك ھەمكارلىق توختامنامىسى ئىمزالاشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىككى مىللىيچە خاتىرە بۇيۇم چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ساياھەت مەدەنىيىتى ئالاھىدە مەھسۇلاتىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق، شياڭگاڭ ۋە شېنجېن ئىككى جاي كارخانىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە نەچچە مىليۇنلۇق توختام تۈزۈشكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۈرۈمچىدىكى ئۈچ ساياھەت شىركىتى ئايرىم ـ ئايرىم شياڭگاڭ، گۇاڭجۇ، شېنجىندىكى تۆت ساياھەت شىركىتى بىلەن توختاملاشقان، ئۈچ جايدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى بۇ يىل ئۈرۈمچىگە 10 دانە ھۆددىگە ئېلىنغان ئايروپىلان، 10 دانە ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئەۋەتىدىكەن، شىنجاڭغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا %50 ئەتراپىدا ئاشىدىكەن. (ليۇ ۋېنۋېن)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە