باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالاقىدار تەرەپلەر چاۋشيەننىڭ ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قايتىپ كەلگۈسى بارلىقىغا دىققەت قىلدى

2013.05.27 08:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:چاۋشيەن يېقىندا ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەردىكى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئالاقىدار دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار چاۋشيەننىڭ بۇ ئىپادىسىگە ناھايىتى دىققەت قىلدى.

  رۇسىيە چاۋشيەننىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قايتىپ كېلىشنى خالايدىغانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى. رۇسىيەنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسى بويىچە سەييارە باش ئەلچىسى گرىگورى لوگ ئىۋانوف ئۈلۈشكۈن مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشىنى خالىشى ئىجابىي بۇرۇلۇش بولۇپ، ئىجابىي باھا بېرىشكە ئەرزىيدۇ. سىياسىي باياناتنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆزگەرتىشكە قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن، رۇسىيە ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدىكى باشقا شېرىكلىرى بىلەن داۋاملىق تىرىشىدۇ.كورىيە تاراتقۇلىرى ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: چاۋشيەننىڭ سۆھبەت مەيدانىنى ئىپادىلىشى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىغان سىگنال.ياپونىيەنىڭ كابىنېت ئەمەلدارى ئۈلۈشكۈن مۇنداق دېدى: ياپونىيە چاۋشيەن بىلەن ھەر قاچان سۆھبەتلىشىشكە تەييار، لېكىن سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى چاۋشيەن ئالدى بىلەن يادروسىزلاشتۇرۇشتا كونكرېت ھەرىكىتىنى ئىپادىلىشى كېرەك.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ۋېنتلېر 23-ماي مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دائىرىلىرى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش چاۋشيەن بىلەن بولغان ھەر قانداق دىپلوماتىيە مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زۆرۈر شەرتى دەپ قارايدۇ.

  چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيىسىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى كىم جۇڭئۇننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سۈي لوڭخەي يېقىندا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا: چاۋشيەن ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتى قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەردىكى سۆزلىشىش ئارقىلىق ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ، چاۋشيەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئىجابىي ھەرىكەت قوللىنىشنى خالايدۇ دېگەن ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە