باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشكە تۈرتكە بولىدۇ

2013.05.24 16:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياڭ يىڭچۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى جەمئىيەت خىزمىتى باشقارمىسىدىن ئۇقۇشىچە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزغا جەمئىيەت خىزمىتى كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىدىن 110نى تاللاپ ئەۋەتىدىكەن، 55 كەسپىي خادىم تەربىيەلەپ بېرىدىكەن. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇ يىلدىن باشلاپ 2020 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزغا جەمئىيەت خىزمىتى كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىدىن ھەر يىلى ئاز دېگەندە 165 نى ئەۋەتىدىكەن ۋە تەربىيەلەپ بېرىدىكەن.

  بۇلتۇر خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ‹‹چەت، نامرات رايون، چېگرادىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ۋە كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى ئىختىساسلىقلار مەدىتى پىلانىدىكى جەمئىيەت خىزمىتى كەسپىي ئىختىساسلىقلىرى مەخسۇس تۈر پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چەت، نامرات رايون، چېگرادىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ۋە كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى نامراتلار، ياشانغانلار، بالىلار، مېيىپلەر، يېزىلاردىكى قارىغۇچىسى يوق كىشىلەر، ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، جىددىي ئېھتىياجلىق جەمئىيەت خىزمىتى كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يەنە مىنىستىرلىق تەربىيەلەش مەركىزى، مىنىستىرلىق بىلەن ئۆلكە بىرلىكتە قۇرغان مەكتەپلەر، ئالىي مەكتەپلەردىكى كەسپىي ئىنستىتۇت، فاكۇلتېتلار ۋە ئالاقىدار ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىدىكى جەمئىيەت خىزمىتى بويىچە تەربىيەلەش بازىلىرىغا تايىنىپ، جايلار ئەۋەتكەن خادىملارنى مەركەزلىك تەربىيەلەشنى يولغا قويغان.

  ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت خىزمىتى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدىكى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك پىلانى››غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹12 – بەش يىل››نىڭ ئاخىرىغىچە مەخسۇس قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى جەمئىيەت خىزمەتچىلىرىدىن 40 مىڭنى تەربىيەلەشنى پىلانلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2020 – يىلىغا بارغاندا مەخسۇس قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى جەمئىيەت خىزمەتچىلىرىنى 57 مىڭغا يەتكۈزۈپ، جەمئىيەت خىزمىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش پونكىتىدىن 100 نى قۇرۇشنى پىلانلىدى. بىراق، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىيەت خىزمىتى مۇلازىمىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش پونكىتىدىن ھازىرغىچە پەقەت 12 سىلا قۇرۇلدى، 1282 كىشى مەملىكەتلىك جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى كەسپىي سەۋىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، جەمئىيەت خىزمىتى كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە