- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئوباما گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى
2013.05.27 08:11 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
 |
سۈرەتتە، 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، نۇرغۇن كىشىلەر ئاق ساراي ئالدىدا قولىدا «گۇئانتانامو تۈرمىسى تاقالسۇن» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلدى. |
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 23-ماي سۆز قىلىپ، بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش ئۈچۈن تىرىشدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پارلامېنتىنىڭ گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارنى يۆتكەشكە قويۇلغان چەكنى بوشىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئوباما سۆزىدە مۇنداق دېدى: گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش سىياسىي جەھەتتە كۆپلىگەن توساقلارغا يولۇقماقتا، بىراق ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تۈرمە تارىخىدىكى بىر مەغلۇبىيەتكە ئايلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنى تاقىمايدىغان بولسا، ئامېرىكىنىڭ سىياسىئونلىرى ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇ پارلامېنتنىڭ گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارنى يۆتكەشكە قويۇلغان چەكنى بىكار قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە