باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە پىدائىي قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى

2013.05.24 17:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى يۈەن مىن(سولدىن ئۈچىنچى كىشى) يازما ئىمتىھانغا قاتنىشىۋاتقان پىدائىيلارغا مەدەت بەرمەكتە

  22-ماي، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسى(تۆۋەندە بىردەك قىقارتىلىپ ‹كۆرگەزمە› دەپ ئېلىنىدۇ)گە پىدائىي قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلانغان، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پىدائىيلىققا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان 3000دىن ئارتۇق ئىستۇدېنت ئىچىدىن 800 نەپەر مۇنەۋۋەر پىدائىي تاللاپ چىقىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ مۇلازىمەت خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە 2-سېنتەبىردىن 6-سېنتەبىرگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى، سانجى رايونىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالتە ئالىي مەكتەپتىن 800 نەپەر پىدائىي قوبۇل قىلىنىدىكەن، كۆرگەزمە مەزگىلىدە بۇ پىدائىيلار تۈرلۈك يىغىنلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىش، كۆرگەزمە سارايلىرىغا باشلاپ بېرىش، مەسلىھەت مۇلازىمىتى بېرىش قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، نۆۋەتتە، تىزىملاتقان 3000دىن ئارتۇق پىدائىينىڭ 2000ى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئالتە مەكتەپ ئىچىدە تىزىملاتقانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە